قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » كىتابلار » مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر
مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر
«مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر» ناملىق بۇ ئەسەر ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ﺋﯚﺯ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ رەۋىشتە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ پايدىلىقتۇر. بۇ كىتاب دىنى ھۆكۈملەرنى بىلمەيدىغان ياكى بىلىشكە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئەسەر دەپ قارىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى ۋە ئەمەل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.يازما : بىر گورۇپ ئالىملار
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - مۆمىن جان - ن.تەمكىنى - مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم - سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/321293
كىتابلار
- ئىسلام دىنىنىڭ روھى (تەۋسىيە ئەسەر)«ئىسلام دىنىنىڭ روھى» ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتور ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بىلىۋېلىشى زۆرۈر بولغان كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە ئائىت ئاساسى مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئىسلامنىڭ ئاساسى پرىنسىپىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىنىڭ زامان-ماكان تاللىماستىن ھەرقانداق ھازارەت بىلەن خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان ھالدا ماسلىشىپ كېتەلەيدىغانلىقى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلاھىي ۋەھيى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىل پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە قۇرئان كەرىمدىن ئىلمى دەلىللەرنى كەلتۈرگەندىن سىرت ئەقلى ئىسپاتلار بىلەن دەلىللەيدۇ. دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان تۆھمەت ۋە شەك-شۇبھىلەرگە ئىلمى ئۇسۇلدا ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ.
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/326065
- مۆمىننىڭ ئەقىدىسى«مۆمىننىڭ ئەقىدىسى» ناملىق بۇ ئەسەر، ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەقىدە مەسىلىلىرىنى ئىسپاتلاشتا ئەقلى ۋە شەرئى دەلىللەرنى بىرلىكتە كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە ھازىرقى زامان تەلىپىگە ئۇيغۇن ھالدا يېزىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئەقىدە كىتابلىرىدىن سانىلىدۇ.
يازما : پەزىلەتلىك شەيخ ئەبۇ بەكرى جابىر جەزائىرى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/330510
- بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ سۈننەتنى قوغدايلى«بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ سۈننەتنى قوغدايلى» ناملىق بۇ ئەسەردە، كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئومۇملىشىپ كەتكەن، دىن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان، ئىبادەت ۋەياكى ساۋاپ بولىدۇ دېگەن ئۇقۇم بىلەن، جەمئىيىتىمىزدە بۇگۇنكى قەدەر داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بەزى بىر مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتىكى بەزى بىر ناشايان ئىشلارغا شەرىئەتنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىغىمۇ يەر بېرىلگەن. ئىسلامدا سۈننەتنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئەھمېيىتى قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە ساغلام ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ بايان قىلىپ بېرىدۇ.
يازما : قارچۇغا
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/52926
- ھەج قوللانمىسى (قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئۆمرە ۋە ھەج، زىيارەت مەسىلىلىرى)«ھەج قوللانمىسى» ناملىق بۇ ئەسەردە، ھەج ۋە ئۆمرە، زىيارەت قاتارلىق ئىبادەتلەرگە ئالاقىدار بولغان بارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
يازما : ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مۇھەممەد سابىت سالىھ
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/371614
- قۇرئان كەرىم ھەقىقەت«قۇرئان كەرىم ھەقىقەت» ناملىق بۇ كىتاپ ئىلىم- پەننىڭ ھەر-خىل ساھەلىرىدە ئىختىساسلاشقان 14ئىلىم پەن خادىملىرى بىلەن بولغان، ئىلمى سۆھبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۆھبەتنىڭ مۇددىئاسى ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانىيەتنى ئىلىم-مەرىپەت ئۇگۇنىشكە پائال تەشەببۇس قىلغانلىقى ۋە تەبىئى پەن ھەقىقەتلىرى بىلەن ئىسلام دىنى ئوتتۇرىسىدا ئاتالمىش «توقۇنۇش»نىڭ ھەزگىزمۇ يوقلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرى 1400يىل ئىلگىرى ئىشارەت قىلىپ ئوتكەن ئىلمى ھەقىقەتلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.
يازما : شەيخ ئابدۇلمەجىد زەندانى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئەبۇ ئەكرەم ئەھمەد
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/53003












