قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » كىتابلار » قۇرئان كەرىم ھەقىقەت
قۇرئان كەرىم ھەقىقەت
«قۇرئان كەرىم ھەقىقەت» ناملىق بۇ كىتاپ ئىلىم- پەننىڭ ھەر-خىل ساھەلىرىدە ئىختىساسلاشقان 14ئىلىم پەن خادىملىرى بىلەن بولغان، ئىلمى سۆھبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۆھبەتنىڭ مۇددىئاسى ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانىيەتنى ئىلىم-مەرىپەت ئۇگۇنىشكە پائال تەشەببۇس قىلغانلىقى ۋە تەبىئى پەن ھەقىقەتلىرى بىلەن ئىسلام دىنى ئوتتۇرىسىدا ئاتالمىش «توقۇنۇش»نىڭ ھەزگىزمۇ يوقلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرى 1400يىل ئىلگىرى ئىشارەت قىلىپ ئوتكەن ئىلمى ھەقىقەتلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.يازما : شەيخ ئابدۇلمەجىد زەندانى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئەبۇ ئەكرەم ئەھمەد
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/53003
كىتابلار
- حكم الاستغاثة بالأولياء-
Source : http://www.islamhouse.com/p/2296
- مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىبۇ كىتاپ ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ «مەدارىجۇسسالىكىين»ناملىق ئەسىرىدىن "مۇناپىقلىق" دېگەن بۆلۈمنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئاپتور ئەسىرىدە مۇناپىقلىقنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان خەتىرى، مۇناپىقلىقنىڭ تۈرلىرى، مۇناپىقنىڭ سۈپەتلىرى، شۇنداقلا ئەقىدىسىگە، مىللىتىگە، ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلغان مۇناپىقلار دۇنيادا خار بولسا، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك ئازابىغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە سۈننەت روھى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بېرىدۇ.
يازما : ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
تەرجىمە قىلغۈچى : مەرھۇم ئابدۇللاھ روزى داموللا ھاجىم
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئىسلام نۇرى تور بېكىتى http://www.islamnuri.info
Source : http://www.islamhouse.com/p/218413
- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى» ناملىق بۇ كىتاب دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ياۋرۇپا ئەللىرىدىمۇ كۆرىنەرلىك نەتىجەگە ئېرىشكەن ۋە غەيرى مۇسلىملار ئارىسىدىمۇ غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ كىتابتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كىلىپ چېقىشى، دۇنياغا كېلىشى ۋە ۋەھيى چۈشۈشتىن ئىلگىرىكى ھاياتى، ئەخلاقى ۋە پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىنكى دىن تەشۋىقات پائالىيەتلىرى، ھېجرەت ۋە غازاتلىرى، ۋاپاتى قاتارلىق ئۇ زاتنىڭ ھاياتىغا ئائىت ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارنى ھۆزۇرۇڭلارغا سۇنىدۇ.
يازما : ئەبۇبەكرى سىراجىددىن
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/64945
- قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىرمەشھۇر مۇپەسسىر ئىبنى كەسىر تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە ھەممە جەھەتتىكى ساغلاملىقى، مۆتېدىللىقى ۋە ئاممىيبابلىقى بىلەن نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى ئىسلام مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان نادىر ئەسەر «قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىر» «ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى» تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىندى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 6 توم، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى، توغرىسى پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى، ھەجمى ئەڭ چوڭ ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يازما : ئىمام ئىسمائېل ئىبنى ئومەر ئىبنى كەسىر
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - مۆمىن جان - ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ - مۇھەممەد ئۆمەر - مۇھەممەد ئابدۇللاھ قارى - يۇسۇپ قارى - ئابدۇلھەمىد قاراجىم
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/48104
- ھەدىس قۇددۇس ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر توپلىمى«ھەدىس قۇددۇس ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر توپلىمى» ناملىق بۇ ئەسەر 392 ھەدىس شېرىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پايدىلانغۇچىلارغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ بارلىق ھەدىس قۇددۇس ۋە مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرنى رەتلەپ چىققان. تەرجىماننىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن كىتابنىڭ باش قىسمىغا ھەدىس ئاتالغۇلىرىنىڭ ئۆلچەملىك پەرقى ۋە ھەدىس ئىلمىغا دائىر بىر قىسىم ئۈچۈرلار قوشۇلغان بۇ قىممەتلىك ئەسەر www.xjislam.com ناملىق تور بېكىتى گورۇپپىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ ئەسەرنىڭ ئىلمى قىممىتىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا بېكىتىمىزدە ئىلان قىلدۇق.
يازما : ئىمام جالالىددىن سۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/316487












